Oynatıcıya atlaAna içeriğe atlaAltbilgiye atla
  • 09.04.2014
ئەۋلاد تەلىم-تەربىيە ماتېرىياللىرى ھازىرلاش گرۇپپىسى بۇ قېتىم ھۇزۇرۇڭلارغا جەمئىي 4 سىن ھۆججىتىدىن تەركىب تاپقان «ناماز ئۆگىنىش قوللانمىسى» ناملىق كارتونفىلىم بىلەن چىقتى.
بۇ كارتون ئارقىلىق ئەۋلادلىرىمىزنىڭ، شۇنداقلابىلمەيدىغان چوڭلىرىمىزنىڭ ئىسلامنىڭ 5 تۈۋرۈكىدىن بىرى بولغان ناماز ئىبادىتىنىتوغرا ئۆگىنىۋېلىشىغا ياردەمچى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ، بىر گرۇپ قېرىندىشىڭلارنىڭ ئۇزۇنمۇددەتلىك تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە روياپقا چىقىرىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇخىزمەتنىڭ روياپقا چىقىشىغا تۆھپە قوشقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزدىن ئاللاھ رازىبولسۇن.
ناماز ئىنساننىڭ ئاللاھنىئۇلۇغلاش ھېسسىياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەشنىنىڭئەڭ مۇكەممەل يولىدۇر. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچلۈك ۋە جانلىق تۇتىدىغان بىر ئىبادەت بولۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ بەش ئاساسىدىن بىرىدۇر .
»ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەقبۇل دىن پەقەت ئىسلام دۇر«. ئىبادەت ئەنە شۇ ئىسلامنىڭ ئەڭ مۇھىمئاساسى. ناماز بولسا، بارلىق ئىبادەتلەرنىڭ نېگىزىدۇر.بۇ ئىبادەت ئاللاھ تائالاتەرىپىدىن تۇنجى پەيغەمبەر ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچەپۈتكۈل پەيغەمبەرلەرگە پەرز قىلىنغان.
كامىل ئادا قىلىنغان ناماز ھەر تۈرلۈك يامانلىقتىنتوسىدۇ. ئاللاھدىن ياردەم تىلەشنىڭ ئىككى شەرتىدىنبىرىمۇ يەنىلا نامازدۇر. ناماز ئۆتەش، پەقەت ئاللاھقا چىن قەلبىدىن ئېھتىرام بىلدۈرىدىغانلارغىلا ئېغىر كەلمەيدۇ. كۆڭلى دۇرۇس ۋە ئاللاھقا بولغان ئىمانىدا سەمىمىي بولمىغانلارغا بولسا، ئۇنى ئادا قىلىش ئېغىركېلىدۇ.
ئاللاھ تائالا نامازغا شۇنچىۋالا ئەھمىيەت بەرگەنكى، ھېچقانداق شەرت-شارائىت ئاستىدا ۋە ھېچبىر سەۋەببىلەن ئۇنى تەرك قىلىشقا رۇخسەت قىلمىغان. مۇھىملىقى تۈپەيلىدىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭناماز ھەققىدىكى بۇيرۇقلىرىنى ئىنسانلارغا ئەينەن يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە،ئۆزى باشلامچى بولۇپ نامازنىڭئادا قىلىنىش شەكىللىرىنى تەپسىلىي ھالداكۆرسىتىپ بەرگەن. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر بىرى ئىسلامنىڭ بىر ئەزاسى بولغان مۇسۇلمانلارنىڭھاياتىنى نامازسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.
ئەنە شۇنداق مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگەبولغان ئىسلامنىڭ بەش ئاساسىدىن بىرى بولغان نامازنىڭ شەرتلىرىنى،شەكىللىرىنى ۋە ئەركانلىرىنى بىلىش ۋە ئادا قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنى باشقىلارغا ئۆگىتىش ھەر مۇسۇلماننىڭ زىممىسىگەيۈكلەنگەن مۇقەددەس بىر ۋەزىپىدۇر.
تئەزىز قېرىندىشىم! پەرز بولسۇن، نەپلە بولسۇن پۈتۈن نامازلارنىڭشەرتلىرى، شەكىللىرى، ۋە ئىچىدە ئوقۇلىدىغان دۇئا ۋە زىكىر-تەسبىھلىرى ئاساسەن ئوخشاشبولغانلىقى ئۈچۈن ئىككى رەكەت نامازنى ئوقۇشنىئۆگىنىۋالغان كىشى دىنىمىز ئەمىر قىلغان ۋە تەشۋىق قىلغان بارلىق نامازلارنى توغرارەۋىشتە ئوقۇيالايدۇ. چۈنكى بىر ناماز بىلەن يەنە بىر نامازنىڭ پەرقى پەقەت نىيەتتىلاكۆرۈلىدۇ. پىلاستىنكىنى كۆرگەنسېرى بۇنىمۇ چۈشىنىۋالىسىز.
ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىپ قويماقچىمىزكى، بۇ پىلاستىنكىدا يىلدائىككى قېتىم ئوقۇلىدىغان روزا ۋە قۇربان ھېيت نامازلىرى، مۇسۇلمانلاردىن بىرى قازاقىلغاندا ئوقۇلىدىغان جىنازا نامىزى، كۈن ئۆرلىگەندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان چاشكانامىزى، تەسبىھ نامىزى، تەراۋىھ نامىزى...قاتارلىقلار ھەققىدە تەپسىيلى مەلۇماتبېرىلمىدى. بۇ نامازلارنى مۇناسىۋەتلىك كىتاب -ماتېرىياللاردىنئوقۇپ ئۆگىنىۋالغايسىز.

تىرىشچانلىقبىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر.

Önerilen